ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
Author: ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
Author: مەھمۇد شاكىر
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: سابىرجان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد سابىت سالىھ
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر 392 ھەدىس شېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پايدىلانغۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بارلىق ھەدىس قۇددۇس ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى رەتلەپ چىققان. تەرجىماننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىتابنىڭ باش قىسمىغا ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك پەرقى ۋە ھەدىس ئىلمىغا دائىر بىر قىسىم ئۈچۈرلار قوشۇلغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر www.xjislam.com ناملىق تور بېكىتى گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بېكىتىمىزدە ئىلان قىلدۇق.
Author: ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«شىرىن كالام» ناملىق بۇ ئەسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، مەرھۇم داموللا سابىت ئابدۇلباقى ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مىراس قالدۇرغان مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ئەسەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئۆسۇپ يېتىلىشى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى ھاياتى، ئىسلام دىنىنى تارىتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى روشەن بايان قىلىپ بىرىدۇ.
Author: داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى - داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن